• كاناداغا كەلگەندىن كىيىنىكى تەسىراتىم<sirdax621> - [چەتئەل تەسىراتلىرى]2008-10-22

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://uyghurstudent.blogbus.com/logs/30486376.html

     

    ئالدىنىقى تىمامدا ئاساسەن سەپەردىكى تەسىراتىم بولغان بولسا تۆۋەندىكىسى ، مىنىڭ كاناداغا كەلگەندىن كېيىنكى ، مەكتەپ ، خىزمەت تېپىش ھەم بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا دوستلار بىلەن تونۇشۇش ھەم شۇنداقلا ھىيت-بايراملىق كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىدىن ئالغان تەسىراتىم ...
    گەپنى يەنىلا مەن كەلگەن كۈندىن باشلاي ؛
    شۇنداق قىلىپ ، مەن كۈتكەن مىنۇتلار ئاخىرى يىتىپ كەلدى ، تورونتوغىمۇ كەلدىم . بىز كەلگەن چاغدا كىچە سائەت 2 بوپتىكەن ، ئەتراپ چىراق نۇرىدا شۇنچە گۈزەل بوپ كەتكەن ئىدى ، بىز دۆڭلۈكتن چۈشكەندە ھەقىقىي تورونتونىڭ كىچە مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولاتتى ، كەڭ كەتكەن ئاسفالىت يوللاردا ماشىنىلار تىز سۈرئەتتە ماڭىدىكەن . (ئەسلىدە ، ئۇ تېز سۈرئەتلىك يول ئىكەن )
    يان تەرەپتىكى كىلىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ سىرىق چىراقلىرى بىلەن ئالدىمىزدىكى كېتىپ بارغان ماشىنىلارنىڭ قىزىل چىرىقى كىچە مەنزىرىسىگە باشقىچە ھۆسىن قوشقان بولۇپ ، راسلا ئۆزەمنى باشقىچە ھىس قىلىپ قالغان ئىدىم .
    ئۇلارنىڭ ئۆيىگىمۇ كەلدۇق ، يۈك-تاقىلارنى ئاران يۆتكەپ ئەكىرىپ بولدۇق ، مىھراي ھەدەم بىزگە ئۇخشىتىپ ھاردۇق ئىشى ئىتىپ بىزنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەن ، ئۇلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ ،تامىقىمىزنى يەپ ئۇخلاپ قالدۇق . ئەتىسى قۇپسام مەندىن كىچىكرەك قىزى بىلەن سىڭللىرىم بىلەن تەڭ دىمەتلىك ئوغلى مەكتەپكە بىرىشنىو تەييارلىقىنى قىلىپ تۇرۇپتىكەن ، قىزى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق ، مەن ئۇ قىزنى كىچىك ۋاقتىدا كۆرگەن ئىدىم ، ئۇلار مەكتەپكە كەتتى ، بىز ئۆيدە چاي ئىچىپ قالدۇق ، دادام بىلەن ئاغىنىسى بانكا ئىشلىرىنى بىجىرگىلى كەتتى . بىز ۋەتەندىن ئىلىپ كەلگەن نان ، تاتلىق -تۈرۈملەر بىلە ئەتتىگەنلىك چاينى مەززە قىلىپ ئىچىپ كەتتۇق .ئاپام بىلەن مىراي ھەدەم ئۆيدە پاراڭلىشىپ قالدى ، مەن سىڭىللىرىمنى ئىلىپ سرتىقا چىقتىم .
    ئەتىيازنىڭ ساپ ھاۋاسى يۈزۈمگە ئۇرۇلدى .
    نەگە بىرىشىمىزنى بىلمەي ، مەھەللە ئىچىدە ئۇ ياقتىن بۇ ياققا ماڭدۇق . تۇنجى قىتىم تىيىننى كۆردۈم ، ئۇلار بىزدىنمۇ قورقماي ئالدىمىزدا يۈگرەپ يۈرىدىكەن .
    مەھەللە كەينىدە باللار ئوينايدىغان يەر باركەن ، سىڭىللىرىم ئىلەڭگۈچ ئوينىدى . مەن ئورۇندۇقتا ئۇلارنىڭ ئوينىشىغا قاراپ ئولتۇردۇم . خىيالىم ئاللابۇرۇن ۋەتەنگە پەرۋاز قىلىپ كەتكەن ئىدى .  بىر ھەپتىگىچە ئۇيقۇمىزنى ئالماشتۇرۇپ ، بىجىرىدىغان ئىشلارنى بىجىرىپ دىگۈدەك ئۆتۈپ كەتتى .
    ئاخىرى ئۆزىمىزگە لايىق ئۆي ئىجارىگەئ ىلىپ  ، بىزگە ياردەم قۇلىنى بەرگەن مىھراي ھەدەملەرگە رەھمەت ئىيتىپ ، ئۆز ئۆيىمىزگە كىلىپ ئورۇنلاشتۇق .
    تورونتوغا كەلگەندىن بىرى تۈزۈكرەك تالا تۈزگە چىقماي ئۆيدىلا ئولتۇرغان ئىدۇق ، چۈنكى ھەممە ئادەم خىزمەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى . دەم ئالغان ۋاقىتلاردا ئاندا مۇندا دادامنىڭ ئاغنلىرى كىلىپ بىزنى     mall   غا  ئاپىرىپ قۇياتتى ، ياكى بولمىسا باغچىلارغا بىرىپ ساياھەت قىلغۇزاتتى .
    ئىشقىلىپ مەن مەكتەپكە بارغۇچە ئۆيدە ئۇنى -بۇنى قىلىپ كۈنۈم ئۆتتى .
     ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن ، بىز ئىلىپ كەلگەن گىلەمدىن باشقا ھىچقانداق ئۆي جاھازلىرى يوق ئىدى ، ھەممنى يىڭىدىن ئىلىشقا توغرا كىلەتتى .
    بىر ھەپتىگىچە ، يەردە يوتقان كۆرپىنى قىلىن سىلىپ ياتتۇق .  ئۇ كۈنلەردە مەن ھەم سىڭللىرىم كۈندە قاقشايتتۇق ، ۋەتەنگە كىتەيلى ، دەپ يىغلايتتۇق .
    ھەپتە ئۆتۈپ داداملار بازاغا چىقىپ يىڭىدىن تلىۋىزۇر ، سافا ، كارۋات ، ئۈستەل ، كومپيوتېر دىگەندەك نەرسىلەرنى ئىلىپ كەپتۇ . بىز قەۋەتلا خۇش بولۇپ كەتكەن ئىدۇق . ئۆيمىزگە ئەمدىلەتىن ئىسكەت كىرگەن ئىدى .  شۇنداق قىلىپ ئۆينىمۇ دادام -ئاپام ۋەتەندىكىدەك قىلىپ بەردى . ئائىلىدە ھەممە نەرسىمىز تەق بولدى .
    مەكتەپكە كىرىش ئىشلىرىمىزمۇ تەق بولدى ، ھەممە ئىشلار ئالدىرماي ، بىر -بىرلەپ پۈتكىلى تۇردى . اللەغا  مىڭ شۈكرى ، كۈن ئۆتكنسىرى بىزمۇ بۇ يەرگە كۆنىشكە باشلىدۇق ، داداممۇ ئۆز ئالدىغا ئىش باشلىۋالدى ، ئاپام تىلنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ
    تىل ئۆگىنىش مەكتىپىدە پۈتۈن كۈنلۈك كۇرۇستا ئۇقىدى . ئىشقىلىپ ھەممەيلەن تۇرمۇشىمىزنى يىڭىدىن باشلىغان ئىدۇق .


    مەكتەپ !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

     

    مەن كەلگەن چاغدا 17ياشتا ئىدىم ، ۋەتەندىكى چاغدا تولۇق 3-يىللىقنى پۇتتۈرۈش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى .
    بۇ ياققا كەلگەندىن كىيىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشۇم ئىنىقلا ئىدى ، ئۆزەمدىمۇ شۇنىڭغا تەييارلىق بولغاچقا ئىككىلەنمەيلا ئوتتۇرا مەكتەپكە بىرىپ تىزىملاتتتىم . ئۇلار مىنى قىزغىن كۈتىۋالدى .
    مەن بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ مىنىڭ ئىنگىلىزتىلى سەۋىيەمنىڭ نەدىن نەگىچە ئىكىەنلىكىمنى بىلمەكچى بولدى ، بىشىدا سەل جىددىيلەشتىم . دۇدۇقلاپ تۇرۇپ سورىغان سۇئالىغا جاۋاپنى ئاران بىرەلىدىم .
    ئۇلار ماڭا بىر پارچە خەت يىزىپ بەردى ھەم مىنىڭ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ماتىماتىكا بۆلىمىگە كىرىشىمنى ئىيتتى . رەھمەت ئىيتىپ چىقىپ كەتتىم . ئىككىنچى قەۋەتكە دادام بىلەن بىللە چىقتىم ، شۇ بۆلىمگە كىرىپ قەغەزنى بىر مۇئەلىمگە بەردىم . ئۇمۇئەللىم شۇنداق سىپايە ئىدى . كۈلۈپ تۇرۇپ ، قۇلۇمدىن يىتەكلەپ بىر سىنىپقا ئەكىرىدى . سىنىپتا ھىچكىم يوق ئىدى ، مىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ، ھازىر كىرىدىغانلىقىنى ئىيتىپ چىقىپ كەتتى . ھەم بىر ئازدىن كىيىن قۇلىدا لىق ماتىريال بىلەن كىردى .
    <ۋاي خۇدايىمەي ، يەنە ئىمتىھان ئوخشىمامدۇ ؟؟؟؟>
    مىنىڭ ئسمىنى، نەدىن كەلگەنلىكىمنى سوراپ  بولغاندىن كىيىن مەندىن ماتىماتىكا سەۋىيەمنى سىناپ باقماقچى ئىكەنلىكىنى دىدى . مىنىڭ تەمتىرمەي جاۋاپ يىزىشىمنى تاپىلىدى . 1-ۋاراق قەغەز پۇتۈنلەي قارا ھىساپ بولۇپ ، مەن ئۇنى بىردەمدىلا ئىشلەپ بولدۇم ، مۇئەللىم سۈرئىتىمنىڭ تىزلىكىنى كۆرۈپ بەكلا ھەيران قالدى . 2-ۋارقنى ساقلا قىلىپ ماڭا 6- ۋارقنى بەردى ، ئۇ تەڭلىمىلەر ئىكەن ئۇنىمۇ كۆزۈمنى يۇمۇپلا ئىشلىۋەتتىم . مۇئەللىم ماڭا گەپمۇ قىلماي كۈلۈپ تۇرۇپ 11-ۋاراقنى بەر ، مەسىلىەركەن ھەم گىئومىتىريە قىسمى بولۇپ .... مەن گىئومىتىريە قىسىمىنى ئىشلىيەلىدىم . لىكىن مەسىلىلەرنى چۈشىنەلمىدىم . چاندىم ...شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم ماڭا
    <سىنىڭ ماتىماتىكا ئاساسىڭ ياخشىكەن ، لىكىن كاناداغا يىڭى كەلگەندىن كىيىن ئىنىقلا تىلدىن قىينىلىسەن ، شۇڭا مەن سىنى 10 سىنىپقا ئەكىرىپ قۇياي . تىلىڭ ياخشى بولۇپ كەتسە سىنىپ ئاتلاپ 12سىنىپقا چىقساڭ بولىدۇ دىدى . > <ھە . > دىدىم ئارتۇق گەپمۇ قىلمىدىم . كۆڭلۈم يىرىم يىنىپ چىقتىم .ئۆز كۆڭلۈمدە ھىچبولمىسا 11 غا كىرەلەيمەن دەپ ئىشەنچ بىلەن مەكتەپكە كەلگەن ئىدىم . ئەمما ................
    شۇنداق قىلىپ دۇشەنبىدىن باشلاپ مىنىڭ ئوقۇش ھاياتىم باشلاندى .
    دەرىسلىك ۋەتەندىكى بىلەن پەرقلەنمەيدىكەن . ئەمما مەكتەپتە يالغۇز بولغاچقا يىگانە يۈرەتتىم . چۈشلۈك دەم ئىلىشتا كۈتۈپخانىدىلا ئىدىم . مەكتەپتىن 3 دە قايتىدىغان بولغاچقا ، مەكتەپتىن قايتىپ ئاندىن تامىقىمنى يەيتىم . راستىمنى دىسەم دەسلەپتە دەرسلەردە ھەقىقەتەن قىينالدىم . بەرگەن تاپشۇرۇقلىرىنى چۈشىنەلمەي ، ئاسان ئىشنى قىيىنلاشتۇرۇپ ، ھەممىنى جوڭگو پەدىسىدە ئويلاپ يۇرۈپتىكەنمەن . ئەمما بۇ يەرنىڭ ئوقۇش سىستىمىسى تۈپتىن بىزىڭكى بىلەن پەرقلىنىدكەن . مۇئەللىملىرى بىلەن ئەركىن ئازادە پاراڭلىشپ چاقچاقلىشىپ يۈرىدىكەن ، مۇئەللىمرەمۇ باللارغا بەك ئامراق ئىكەن . ئشىقىلىپ ماڭا بۇلارنىڭ ئىش قىلىشتا مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن سىلىق -سىپايىلىقى بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى .
    تىل دەرىسىمدىلا باشقا ياقا يۇرتتىن كەلگەن باللا بىلەن بىللە ئوقۇيمەن ، باشقا دەرىسلىرىمدە يەرلىك باللا بىلەن بىللە ئوقۇيمەن . پەقەت تىل دەرىسىمدىلا ئۆزەمنى ئەركىن تۇتۇپ قانداق گىپىم بولسا دىيەلەيتتىم ، باشقا دەرىستە بولسا باشقىلارنى زاڭلىق قىلارمىكىن دەپ ئەيمىنىپ گەپ قىلغۇم كەلمەيتتى . ئەمما مۇئەللىملىرىم ماڭا بىر خىل ئامراقلىق قىلاتتى ، دەرىستىن چۈشكەندە مىنى ئىلىپ قىلىپ دەرسنى چۈشەنگەن چۈشەنمىگىنىمنى سورايتتى . تاپشۇرۇقلارنى قانداق ئىشلەش توغۇرلۇق مەسلىھەت بىرەتتى . ئىشقىلىپ ھەممە مۇئەللىمرىنى بەك ياخشى كۆرەتتىم .
    ھازىر تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلى ، دەرىسلەردەئانچە قىينالمايمەن ، يەنىلا مۇئەللىرىمنىڭ ياردىمى بىلەن نەتىجەم 80دىن چۈشمەي ياخشى كىتىپ بارىدۇ .

    خىزمەت تىپىش !!!!!!!!!!!!!!
    مەن بۇرۇندىن ئاتا-ئانامدىن پۇل سوراپ خەجلىمەيتتىم ، ۋەتەندىكى چاغدىمۇ ، دادامغا ياردەملىشىپ ئاشخانىغا قارىشىپ بەرگەن بولغاچقا ئايدا چىقىپ تۇرىدىغان ئايلىقىم بار ئىدى . پۇلنىمۇ قۇرقماي چوڭ خەجلەپ يۈرىيتتىم .
    ئەمما كانادا دا ئۇنداق بولماي قالدى ، قېشىمدا پەقەت خەجلەيدىغان پۇل قالمدى ، ئۆيدىكىلەردىن ئەسلا پۇل ئىلىپ خەجلىگۈممۇ كەلمىدى . قانداق قىلاي ؟؟؟؟
    بۇ يەردىكى ھەممە باللا 16ياشتىن ئاشقان بولسىلا ئىشلەيدىكەن ، مەنمۇ ئىشلەپ باقاي دەپ ، مۇشۇ يەردىكى ئۇيغۇر باللادىن ئىشنىڭ خەۋىرىنى ئىلىپ سۈرۈشتۈرۈپ يۇرۇپ بىز شام زاۋۇتىنى تاپتىم . دۇشەنبىدىن -جۇمەگىچە ئوقۇيمەن ، پەقەت شەنبە يەكشەنبىدە بىكار بولغاچقا ، ھەپتە ئاخىرىدا 8 سائەتتىن ئىشلەپ باقتىم . دەسلەپتە ئۆيدىكىلەر ئىشلىشىمگە قاتتىق قارشى تۇردى ، بىز سىنى ئىشلىسۇن دەپ ئەكەلمىگەن  ، ياخشى ئوقۇ ، پۇلدىن غەم قىلما ، خەجلەيدىغان پۇل دىسەڭ مەن بىرىمەن ، زاۋۇتتا ئىشلىمە دەپ قەتئىي ئۇنىمىدى .
    مەنمۇ ئۇلاردىن ئۆتە جاھىل بولغاچقا ، ئىشلەيمەن دەپ تۇرىۋالدىم . ئۆيدىكىلەرمۇ بوپتۇ ئمىسە بىر كۈن ئىشلەپ باق دىدى . ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئىىلىپ ئىككى كۈن ئىشلەپ باقتىم ، ئىشىغۇ ئىغىر ئەمەستى بولمىسا ، شام زاۋۇتى بولغاچقا ھەرخىل پۇراق بىلەن باش ئاغرىقى تىپىۋالدىم .

    شۇنداق قىلىپ 2 كۈنلۈك مۇئاشىمنى ئىلىپ ، ئىشلىمىدىم .
    ئىشلەشنىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدىم . يازلىق تەتىل كىلىشى بىلەن يەنە ئىشلىگۈم كىلىپ قالدى ، يەنە ئۇنىڭ -بۇنىڭدىن سۈرۈشتۇرۇپ يۇرۇپ ئەمدى مىۋە -چىۋە يۆتكەش ئورنىدا ئىش تاپتىم . ئۇ ياردە قىلىدىغان ئىشىم سىسىق مىۋىلەر نى ئايرىپ يەشىككە قاچىلاش بولدى . ئۇ يەردە چىداپ 2 ھەپتە ئىشلىدىم . ئاخىرى ئۇ يەردىمۇ ئىشلىگۈم كەلمىدى .
    چۈنكى ،مىنىڭ مىجەزىمدە ، خەق ماڭا ئىش بۇيرىسا قەتئىي قىلغۇم كەلمەيتتى ، زاۋۇت دىگەندە قەدەمدە بىر باشلىق ، بىر قەدەم نىرى بولسىڭىز بىرسى پەيدا بوپ ئۇنى بۇنى بۇيرىتتى .
    ئۆيدە دەم ئىلىپ قالغان تەتىلىمنى ئۆيدە ئۆتكۈزدۇم . ئاپام خىزمەت ئىشى بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كەتتى ، پۇتۇن ئۆينىڭ ئىغىر -ينىك ھەممە ئىشى ماڭا قالدى . سىڭللىرمدىن خەۋەر ئىلىش ، تاماق ئىتىش ، كىر يۇيۇش ، ھەممە ھەممە ئىشلار ماڭىلا قاراشلىق ئىدى . ئوقۇپ ھەم ئۆينىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ئۆيدىلا ئىشلىدىم .
    ئۇ چاغلارنى پەقەتلا ئويلىغۇم يوق ، راستىمنى دىسەم شۇ چاغدا بەك قىينالغان ئىدىم . ئاپام قىشىمدا يوق ، دىلىم سۇنۇق ، پاراڭلىشىدىغان ئادىمىم يوق بەك قىينالغان ....... ھىىــــــــــــــــــــــــيـــــــــــــــــــي . ئۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى.
     يەنە بىر قىتىملىق يازلىق تەتىلدە ياخشىراق ئىش تىپىش ئۈچۈن ، مەكتەپتە ئۆگەنگەن ئىش تىپىش يولى  بىلەن ئىش ئىزدەپ بازارغا چىقىپ باقتىم ، مەن بارمىغان ، كىيىم سىتىش دۇكىنى ، قەھۋاخانا ، تاماقخانا قالمىدى . ھىچ يەردىن خەۋەر يوق ، ئۈمىدسىزلىنىپ ئولتۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر تىزتاماقخاندىن كۆرۈشىشكە تىلفۇن كەلدى .
    مەن ئۇ يەرگە باردىم ، ئۆزۈمنى تۇتىۋىلىپ  ، ھەر بىر سورىغان سوئالىغا ئۇلار رازى بولغىدەك جاۋاپ بەردىم . مىنى قۇبۇل قىلغان ئايال پاكىستانلىق مۇسۇلمان ئايال ئىدى . مەنمۇ ئۆزەمنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمنى دىگەندە بەك ئۇ ئايال بەك خۇش بولۇپ كەتتى . شۇنداق قىلىپ ئۇ ئايال مىنى خىزمەتكە قۇبۇل قىلدى، مەن ئۆۇيگە شۇنچىلىك خۇشال ھالدا قايىتپ كەلدىم،
    6-ئاينىڭ 27 -كۈنىدن باشلاپ مەن ئۇ تىز تاماقخانىدا پۇل يىغىش ئورنىدا ئىشلىدىم ، ئىشداشلىرىم بىلەن تىزلا چىقىشىپ كەتتىم .
    تا ھازىرغىچە يەنە شۇ دۇكاندا ئىشلەپ كىلىۋاتىمەن .

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەن چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا بەك ھەۋەس قىلمەن،چەتئەلدىكى ئشلاردىن كۆپرەك خەۋەردار قىلساڭلار،چەتئەلدىكى قىرىنداشلار بىلەن بەكمۇ دوست بولغۇم بار.چەتئەلدە چ چ ئشلتەمسىلەر؟
    sirdax621回复مۇزات说:
    چەتئەلدىمۇ چچ ئىشلىتىدۇ ، لىكىن مەن ئىشلەتمەيمەن، مىنىڭ
    e-mail: uyghur09@gmail.com
    مۇشۇ ئارقىلىق ئالاقىلاشساق بولىدۇ . ^_^
    2008-11-18 06:09:15
  • سيز دين بير ېش ني سو ري سام سيز دە چچ با ر مۇ ميني كاچيل ۋالام سيز 674456233 مۇ شۇ مينيڭ چچ نۇمۇ رۇم ؟؟؟؟
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! سىرداش قىز.
    مەن سىزنىڭ چەتئەلدىكى ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
    ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن.
    مىنىڭ سىزدىن سورايدىغىنىم: سىلەر كاناداغا ئائىلە بويچە كۆچمەن بولۇپ چىققانمۇ؟
    ئەگەر كۆچمەن بولسا قانداق رەسمىيەتلەر كېتىدكەن؟
    مۇشۇ توغۇرلۇق ئازراق چۈشەنچە بەرسىڭىز بۇلارمۇ؟

    رەھمەت سىزگە.
    sirdax621回复پالۋان922说:
    سىزگە كىيىنرەك جاۋاپ قايتۇرۇپ قالدىم ، كەچۇرۇڭ !!!
    شۇنداق ، مەن بۇ يەرگە ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆچمەن بولۇپ چىققان ، راستىمنى دىسەم بۇ ياققا چىقىدىغان ئىشلارنى دادام يول مىڭىپ يۈرۈپ قىلغان ، مەن تازا ياخشى بىلىپ كەتمەيمەن ، مەن ئۇلاردىن سوراپ سىزگە خەت قالدۇرۇپ قۇياي ... مىنىڭ
    e-mail : uyghur09@gmail.com

    مۇشۇ ئارقىلىق ئالاقىلاشساقمۇ بولىدۇ .
    2008-11-18 06:06:44
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇسز؟
    "كاناداغا كەلگەندىن كىيىنىكى تەسىراتىم" ھىممم...ئەسرىڭزنى ئوقۇپ چىقتىم شۇنداق ياخشى يىزپسسز،،، مەن ئاۋستىرالىيەگە 16 ياش ۋاقتىمدا كەلگەن...مانا بىردەمدىلا 3 يىل بوپتۇ...ئەسرىڭىزنى ئوقۇپ ئۈزەمنىڭ يىڭى كەلگەن ۋاقىتلىرىم ئېسمگە كىلىپ قالدى. ...
    ھەممە ئىشلىرىڭزىغا مۇۋاپىقيەتلەر تىلەيمەن.....
    ئابىدە
    sirdax621回复ئابىدە说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام :

    ياقتۇرۇپ ئوقىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت !!!!!!
    سىزنىڭمۇ بارلىق ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ، سالامەت بولۇڭ !!!^_^
    2008-11-03 02:30:28
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇسز؟
    "كاناداغا كەلگەندىن كىيىنىكى تەسىراتىم" ھىممم...ئەسرىڭزنى ئوقۇپ چىقتىم شۇنداق ياخشى يىزپسسز،،، مەن ئاۋستىرالىيەگە 16 ياش ۋاقتىمدا كەلگەن...مانا بىردەمدىلا 3 يىل بوپتۇ...ئەسرىڭىزنى ئوقۇپ ئۈزەمنىڭ يىڭى كەلگەن ۋاقىتلىرىم ئېسمگە كىلىپ قالدى. ...
    ھەممە ئىشلىرىڭزىغا مۇۋاپىقيەتلەر تىلەيمەن.....
    ئابىدە
  • ئەسالامۇ ئەلەيكۇم پەزىلەت..
    يىزىقچىلىق قابىلىيىتىڭىز يەنىلا ياشى ئىكەن. تىخىمۇ تىرىشىڭ
  • ياقتۇرۇپ ئوقىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئۇيغۇرجان :
    مەن يۇقىردا دەپ ئۆتكىنىمدەك ئائىلە بويىچە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن .
    كۆچمەن بولۇپ كەلگەچكىمۇ مەندىن ، مۇشۇ يەرلىك باللا بىلەن ئوخشاش باھادا بەدەل پۇلى ئالدى . يەنى يىللىقى 65$ .
    ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئۈچۈن ، 4 يىىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش يىلىدا چۇقۇم 32 پەندىن لاياقەتلىك ئۆتىشىڭىز كىرەككەن ، يەنى يىلدا ئوخشاش بولمىغان 8 پەننى لاياقەتلىك تاماملىشىڭىز زۆرۈر .
    (ماتىماتىكا ، كانادادا ھەر كەسىپنىڭ جېنى ھىساپلانغاچقا ، كۆچمەن بولۇپ كەلگەنلەردىن چوقۇم ماتىماتىكا سەۋىيىسىنى سىناپ ، يىشىغا قاراپ سىنىپلارغا بۆلىدىكەن . مېىنى 10 يىللىققا بۆلدى . دىمەك ماڭا 9-سىنىپتا ئىلىشقا تىگىشلىك بولغان 8 كىرەدىنتنى بەردى . ) ھە ، راس ، مەن بۇ ياققا كىلىشتىن بۇرۇن ۋەتەندىكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۇتترۇش دىپلۇمامنى ئىلىپ كەلگەن ئىدىم ، ئۇنىڭدىكى نەتىجىلىرمگە قاراپ ماڭا 2 كىرەدىنتنى قۇشۇپ بەردى .
    ئۇنىڭ سىرت ، كانادادا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دىپلۇمىسىنى ئىلىش ئۈچۈن 40 سائەتلىك پىدائىي بولۇپ ئىشلەپ ، مەكتەپنىڭ ، جەمىيەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىش كىرەك . يىلدا 10 سائەتتىن ئىشلىسىمۇ 4 يىلدا ئۇمۇ توشۇپ قالىدۇ . ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپراق قىلسا ئۆزىنىڭ جەمىيەتتىكى ئوبرازىغىىمۇ ياخشى . تەكلىپىم : 40 سائەتتىن ئاشۇرۇپراق ئىشلىگەن ئەڭ ياخشى . پىدائىي ئىشلىرىنى مەكتەپتىنمۇ تىپىپ بىرىدۇ ، ياكى مەھەللە كومىتىتلىرى ئارقىلىق تاپسىمۇ قۇلايىلىق بولىدۇ .
    تىلغا ئىلىپ ئۆتىشكە تىگىشلىق 2 مۇھىم ئىمتىھان بار بولۇپ ، ئۇ ئىمتىھان ۋەتەندە ئىلىنىدىغان خۇلاسە ئىمتىخانىغا ئوخشاپ كىتىدۇ ، بىرى ماتىماتىكا سەۋىيە ئىمتىھان يەنە بىرى تىل سەۋىيە ئىمتىھانى ، بۇلاردىن قۇرقىشنىڭ ھاجىتى يوق ، قۇرۇلمىسى ئاددى ، ئاسان ئىمتىھانلار .


    سۇئال سورىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، مۇھىم بولغان يەرلەرنى تاشلاپ قۇيۇپ ، پەقەتلا تەسىراتىمنى يىزىپ كىتىپتىمەن . سۇئالىڭىز بولسا سۇراۋىرىڭ، بىلگىنىمچە جاۋاپ بىرىمەن .
  • ياخشىمۇ سىز سىرداش قىز......تونۇشقۇنىمدىن خوشالمەن..بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت سىزگە........سىزدىن سوردايدىغىنىم ...سىز كۆچمەن بولۇپ چىققانمۇ ياكى خالقئارالىق سىتۇدېنت بولۇپ چىققانمۇ؟تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇش ئۇچۇن پۇل ئالامدىكەن؟؟؟؟؟؟تولۇق ئوتتۇرىدىن ئالى مەكتەپكە چىقىشتا قانداق قەدەم باسقۇچ باسىدىكەنسىز؟؟؟؟؟؟ۋاقتىڭىزنى چىقارغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت.............