• (2)كاناداغا قاراپ يولغا چىقتىمAnjur007 - [چەتئەل تەسىراتلىرى]2008-10-23

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://uyghurstudent.blogbus.com/logs/30526371.html

    ۋەتەندىكى ئۆزگىرىشلەرنى تونۇش بىلىشلەرنىڭ گېپىنى قىلىشقاچ بىردەمدە ھەدەملەرنىڭ ئۆيىگىمۇ كەپ قاپتىمىز.....بۇ شەھەر ئۇرۇمچىدىن پەرىقلىنىدىكەن بولۇپمۇ بىنالارنىڭ ئۆيلەرنىڭ قۇرلۇش ،ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلى ئوخشىمايدىكەن...مەن كەلگندە سەل كەچ قۇرۇن بولغاچقىمىكىن ئېنىڭراق كۆرۈشكىمۇ ئىمكان بولمىدى...شۇنىڭ بىلەن ھەدەملەرنىڭ ئوتۇرىدىغان بىناسىنىڭ ئادىغا كېلىپ توختىدۇق......ئەلشىر ئاكام ماشىنىىدن يۇك تاقلىرىمنى چۇشۈرشۇمگە ياردەملەشتى..بىر قولى قۇلاقتا<تېلفۇندا>ھەدەمگە بىز كەلدۇق تاماق پىشتىمۇ ساقلامدۇق دەپ چاقچاق قىلىپ گەپ قىلدى.......تېلفۇننى قويۇپ تۇرشىغىلا ھەدەمنىڭ ئوغلى چۈشۈپتۇ....شۇنداق قىزغان كۆرشىۋەتتۇق....كۆرمىگىلى 5يىل بوپ قاپتىكەن ئۇنىمۇ.............بويى ئىگىز يوغانلا ئەركەك بوپ كېتىپتۇ...ئۇكام دىيىشتىنمۇ خىجىل بولغۇدەك..... ئۇ قىزغىنلىق بىلەن ئۆيگە باشلىدى ....بىنانىڭ ئىچىگە كىردىم خۇددى ئۇرۇمچىدىكى بەزى ئىشخانا بىنالىرىغا ئوخشاپ قالىدىكەن....بۇ ئۆيلەر خۇددى كاتەك كاتەك دەكلە كۆرنۈپ كەتتى....ھەدەم ئىشىكنى ئېچىپ يولىمىزغا قاراپ تۇرۇپتىكەن.....قىزغىنىق بىلەن كۆرۈشۈپ تۇققانلارنىڭ سالاملىرىنى بىر بىرلەن ساناپ ئۆتكۈزىۋەتتىم..ئەمدى ھۇھ دەپ ئولـتۇرۇپ ئوخشىغان ھاردۇق تاماققا داخىل بولدۇم......سۇيۇقئاش ،مانتا قاتارلىق 2-3 خىل تاماق قىلۋېتىپتىكەن.....شۇنداق تويۇپ كەتتىم.....خۇددى ئۆز ئۆيۇمگە كەلگەندەكلا ھېس قىلدىم.كېيىن ھەدەم ۋەتەنگە تېلاون قىلىپ ئويدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلىپ قوي دەپ ئۆيگە تېلفون قىلدۇق،ئۇلارنىمۇ خاتىرزەم قىلدىم .....لېكىن ئەتە يەنە سەپەر قىلدىغان گەپ..ئۇنى ئويلاپ بېشىمغا غەم چۈشتى..ئۆيلەرگە نەزەر سالسام ئويلىغىنىدىن خېلى چوڭ ئۆي ئىكەن شۇنداق ئازادە بېزىۋاپتۇ.......ئۇنى بۇنى دىيىشىپ كەچ 12 بوپ كېتىپتۇ.....لېكىن قەتتى ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس....ئەكەلگەن سوۋغا سالاملارنى ۋەتەندىكى يېڭى پىلاستىنكلىلارنى كۆرۈپ 2بوپتۇ.....ھەدەم :<ئەمدى ئۇخلا ،بولمىسا ئەتە تۇرالماي قالىسەن...ئەسلى بېلەتنى ئالماي تۇرغان بولساڭ شەنبە -يەكشەنبە نى قوشۇپ5-6كۇن تۇرغۇزۇپ كانادانى ئۆزەم بىر تونۇشتۇرۇپ ئاندىن يولغا سەپ قوياتتىم مەندىن مەسلەھەت ئالماي بېلەت ئېلىۋاپسەن .......>دېدى...شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ يۇيۇنۇپ چىقىپ ئۇخلىماخچى بولدۇم لېكىن مۇستاپانىڭ ئۇخلىغۇسى يوق <ئاكا..ئېلىترونلۇق ئويۇن ئوينايلى...بىر تۇتۇشۇپ باقايلى >دەپ كەتتى....لېكىن سەل ھېرىپ قالغانلىقىم ئۇچۇن ئۇخلاي بولدى دىدىم<بولمىسا يېڭىۋالاتتىم>..شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ بامدات نامىزى بوپ قاپتۇ...ئاكا ناماز ئوقۇۋېلىپ بىراقلا ياتايلى دېدى...ئۇنىڭدىن شۇنداق سۆيۇنۇپ كەتتىم...بۇيەرگە كىچىك چىققان بولسىمۇ گۈلنار ئاچام خېلى ياخشى تەربىيلەپتۇ،،شۇنداق ئەخلاقلىق.ئىمانلىق بالا بوپتۇ.........نامازنى بىرگە ئۇقۇدۇق.ئاندىنكىچىككىنە كۆزۈمنى يۇمۇپتىمەن.. بىردەمدىلا تاق ئېتىپتۇ..مەن بەك سەزگۈر ئۇخلىغاچقا ئۆزۇملا تۇرۇپ- كەتتىم...سەپەرگە چىقىپ كونۇپ قالدىممۇ يا......خۇددى 1 سائەت ئۇخلىغاندە ھېس قىپ كەتتىم...ئەلشىر ئاكام مېنى ئالغىلى كەپتۇ...ئالدىراپلا ناشتىنىمۇ قىلدۇق....شۇنىڭ بىلەن يەنە شۇ ئايروپورتقا ماڭدۇق............يولدا ،ماڭغۇچە ئەلشىر ئاكام كانادانىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى قائىدە تۇزۇملىرىنى چۇشەندۈرۈپ ماڭدى.يەنە بىرمۇنچە مەسلەھەتلەرنى بەردى........ماشىنىنى تېز ھەيدىگەچكىمىكىن 15مىنۇتقا قالماي يېتىپ كەلدۇق....مەن چىقىدىغان ئايروپىلان يەنە كېچىكىپتىكەن...ئەلشىر ئاكام ناھيىتى خىجىل بولۇپ<ئۇكام خاپا بولما سېنى ئۆزەم يولغا سەپ قويسام بولىتىلېكىن بۇ يەردە ۋاقىتنى بەك زىچ ئورۇنلاشتۇرىمىز ئىشقا كېچىكىپ قىلىدىغان ئوخشايمەن..ئۆزۇڭنى بەك ئاسرا..بېرىپلا تېلفون قىلۋەت.تەتىلدە چوقۇم بۇ يەرگە كەل..ھەممە يەرنى بىر كۆرسۇتۇپ راۋۇرۇس ئوينىتىپ قويىمەن >دەپ بىرمۇنچە ۋەزىپە تاپشۇرۇپ خوشلىشىپ ئېشقا كەتتى....شۇنداق قىلپ ساقلايمەن ساقلايمەن ۋاقىت شۇنداق تەستە ئوتتى دە.......خىيالىم ئوكيان ئاتلاپ ۋەتەنگە يۇرۇپ كەتتى..ۋەتەندىكىلەر ئۇخلاۋاتامدىغاندۇ،ئاغىنە باللار نىمە قىلۋاتىقاندۇ دىگەندەك خىياللارنى قىلىپ ۋاقىتنىمۇ خىلى ئۆتكۈزدۇم..ئۆتكەن كەچكەنلەرگە قاراپ ئۇرۇمچىدىكى ئايرودۇرۇمغا تولا چىقىپ، سودا قىلىپ يۇرگەن قىلىپ يۇرگەن ۋاقىتلارنى ئويلاپ كەتتىم....ۋاقىتمۇ توشۇپتۇ رەسمىيەتلىرىمنى بىجىرىپ بولۇپ...كۈتۈش زالىغا كېلىپ ئوتۇردۇم...يەنە 15مىنۇت باركەن...توساتتىن شۇنداق چىرايلىق بىر قىز<مۇلازىمەنچى>ئسمىمنى سورىدى نىمە قىلدىغانلىقىنى سورىسام.تونۈگۈن ماڭا كانادا ھاۋا قاتنىشى شىركىتى ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇپتىكەن.مېنى تاپالمىغانلىقىنى ئېيتىڭپ كەچۈرۈم سوراپ كەتتى..مەنمۇ شۇنداق ئەدەپ بىلەن رەھمەت ئىيتىپ كەتتم....ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللىشىپ بۇ يەرگە يېڭىلا ئىشقا چۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇم...ئۇ مېنىڭ ئىسمىمغا قىزىقىپ قاپتىكەن،،،سىز جوڭگولۇققا قىلچە ئوخشىمايدىكەنسىز،ئسمىڭىزمۇ ئوخشىمايدىكەن قانداق تەلەپپۇز قىلىمەن دەپ سورىدى..مەنمۇ ھارماي چۇشەندۈرۈپ ئسمىمنى ئاخىرى دىگۈزەلىدىم....ۋاقىت توشۇپ قالدى شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز بىلەنمۇ خوشلىشپ ئايروپىلانغا چىقتىم...بۇ يەر كىشىللىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قانداق سۇئال سورىسىڭىز بەك ئالدىراش بولمىسىلا شۇنداق ئەستايىدىل چۇشەندۈرىدىكەن....بۇ ئايروپىلان بەكا كىچىك ئىدى...كىچىك ئايروپىلاندىن بەكلا قورقاتتىم.بىخەتەر ئەمەس دەپ...سۇرە -ئايەتلەرنى بىر ئوقۇۋېتىپ ئۇيقۇغا كەتتىم..نىمىشقىكىن ئايروپىلاندا ئۇيقۇم كېلىدىغان خۇيۇم بار ئىدى....ئويغانسام ئايرۇپىلانHalifaxئايرۇدۇرۇمىغا قونغىلى باشلاپتۇ...كىىچىك ئايروپىلاننىڭ قونىشى ئادەمنى سەل ئەنسىرتىدىكەن بەكلا سىلكىنپ كېتىدىكەن...ھايروپىلاندىن چىقىپ زال ئىچىگە كىردىم....بۇ ئايرۇدۇرۇم بەكلا كىچىك بولۇپ بىزنىڭ ۋەتەندىكى بەزى كىچىكرەك شەھەرلەرنىڭكىگە ئوخشىشىپ قالىدىكەن....ئىمممم ئاتۇشتەك شەھەرگە كەپتىمەن دە دەپ ئويلىدىم...يۈك-تاقلارنى ئېلىپ زالدىن چىقتىم ھېچبىر ئادەم يوق.بۇ يەردە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىقان بىرلا ئۇيغۇر بولۇپ شۇ ئالدىمغا چىقماقچى بولغان ئىدى...يوق.....ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك قىلىپ باقايمۇ يا دەپ ئالدىمغا ماڭسام يېنىمدىن بىرسى ئۆتۇپ كەتتى.قارىشىپ قالدۇق..يۇرەك يەنىلا ئۆز مىللىتىنى تونۇپ قالىدىكەن....قۇچاقلىشىپ كۆرشۈپ كەتتۇق....ئۇنىڭغىمۇ ۋەتەندىكىلەرنىڭ سالىمىنى يەتكۈزىۋېتىپ سىرتقا قاراپ ماڭدۇق.....سىرتقا چىقسام قۇرلۇش قىلۋاتىدىكەن...شۇنداق سەت كۆرنۇپ كەتتى دە..ئىمممم..تاللاپ تاللاپ تازغا ئۇچراپسەن دىدىم ئىچىمدە...كېيىن بىلسەم Halifax قا خەلقئارالىق ئايرۇپورت قۇرىۋاتىدىكەن....سىرتقا چىقساق ئۇ شۇنداق چىرايلىق ،ماشىنىسى بار بىر جوڭگولۇق قىز <تاكسىچى >بىلەن بىرگە چىقىپتىكەن....يولدا شەھەرنى تونۇشتۇرۇپ ماڭدى...ھەقىقەتەن يېشىللىققا پۈركەنگەن ئىكەن نەگىلا قارىسا يېشىللىق...ئۆيگىمۇ كەلدۇق.....ئۇمۇ ئويدىكىلەرگە<housemate> مېنىڭ كېلىدىغىنىمنى دەپ قويۇپتىكەن ئۇلارمۇ شۇنداق قىزغىن قارشى ئالدى ..چۈشلۈك تاماقنى ياپ بولۇپ تېشىنى ئايلاندۇرۇپ كىرەي دىدى..ۋاھ بۇ شەھەر بەكلا جىمجىت خۇددى ھەممە ئادەملەرنى بىر يەرگە يىغىپ يىغىن ئىچىۋاتقاندەك كوچىلاردا ئادەم يوق...شۇنداق ئازادا ئىدى...ئۇ كۇنى بىر كۇن ئايلىنىپ ھەممە يەرنى دىگۈدەك كورۇپ چىقتۇق...ئۇمۇ بەكلا چىقىشقاق بالا ئىكەن..ئاسانلا چىقىشىپ جىڭ ئاكا- ئۇكىلاردەكلا بوپ كەتتۇق...نەگىلا بولدا تەڭ بارىمىز..ئۇمۇ مەن كەلمەستە شۇنچىلىك زېرىكىپتىكەن<ئۇنى كېلىپ ھېس قىلدىم>ئۇيغۇر بىلەن يۇزتۇرانە سۆزلىشىپ باقمىغىنىغىمۇ 10ئاي بوپ قاپتىكەن..مەنمۇ ۋەتەندىكى كەمسۆز بالا بۇ يەردە ئۇنڭىغا گەپ قىلىپ بېرىپ سۆزمەن بوپ كېتىمتىمەن.... ،،،،ئەمدى ئوغۇل بالا دىگەن يەنىلا ئوغۇل بالا تاماق ئىتىشقا كەلگەندە تولا ھورۇنلۇق قىلىپ قويىمىز لېكىن ھازىر تاماقنى خېلىلا ئوخشىتىپ ئىتىدىغان بوپ قالدۇق.....ئۆزىمىز تاماق قىلمىساق بۇلارنىڭ تامىقى تېتىمايدىكەن....بىزنىڭ تاماققا نىمە يەتسۇن...2كۇندىن كېيىن مەكتىپىمدىمۇ ئوقۇش باشلىۋەتتى..بۇ توغۇرلۇق ئايرىم توختىلاي..چەتئەلدىكى تۇرمۇش شۇ ئالدىراشچىلىقتا ئۆتىدىكەن..........ھازىرقى كۇنلارمۇ شۇ سەل ئالدىراش ئۆتىۋاتىدۇ.... بېشىدا كەلگەندە99%ئادەمنىڭ ھەممىسى ۋەتەننى سېغىنىدىكەن....ۋەتەن ،ېھرىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى شۇ چاەدا ھېس قىلىدىكەن..ئۇنى ئويلىساق ھەممىمىزنىڭ كۆزىگە ياش كېلىدۇ......ئېسىل تاماقلىرىمىز..ئادەملەر مىغىلداپ تۇرغان ۋاراق چۇرۇڭلۇق شەھەرلىرىمىز.توپا پۇراپ تۇرغان ئاشۇ سەھرالىرىمىز ئادەمنى شۇنداق سېغىندۇرىدىكەن............

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • باشقا كەلگەندە ئاللا يەنە ئاسانلىقنى بېرىدىكەن.مۇساپىرنىڭ دۇئاسى ئىجابەت دەپ،ئاللا ماڭا قىلغان دۇئالىرىمنى ئىجابەت قىلىپ ،بۇ يەرگە كۆنۈپ ،ئەھۋالىمىز بۇرۇنقىدىن ياخشى بولىۋاتىدۇ.ئاللا ھەر بىر مۇساپىر مۇسۇلمانلارغا ئاسانلىق بەرگەي.ئىشنىڭ باشلىنشى تەس،سەۋىر ۋە سەۋەپ قىلىپ، ئاللادىن تىلىسە ،ئاللا بەندىسنى نائۈمىد قويمايدۇ.
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم....ياخسىمۇ سىلەر...شۇنداق مەن ئۈزۈم ئاتۇشتىن.....قانداق سۇئال بولسا سۇئال جاۋاپ سەيىپىسىگە يوللىسىڭىز بولىدۇ ياكى ئېخەت يوللاڭ..ئالاقىلشىش ئادرىسىمىزنى باش سۈرەتنى چەكسىڭىز بىلەلەيسىز....
  • ئەسىسىلامۇ ئەلەيكۇم تەپسىلى ئوكۇپ چىكتىم مەنمۇ ئاتۇش دىيارىدىن بولىمەن مېنڭمۇ كاناداگا چىكىش ئارزۇيۇم باتى سىز بىلەن كاندا ئالاكىلاشكىلى بولىدۇ.مېنىڭ كىيۇ كىيۇ نومۇرۇم 181106499 سورايدىگان ئىشلا باتى رەخمەت!
  • تېرېشېڭ بېز سېزدەك بالېلاردېن پەخىرلېنېمىز
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ئەنجۈر ئەسرىڭزنى ئوقۇپ چىقتىم شۇنداق ياخشى يىزپسز،رەخمەت سىزگە.قارىسام ئىسمىڭزنى ئەنجۈر قويغانغا قارىغاندا سىز ئاتۇشلۇق ئوخشىمامسىز،ئىككىمىز تۇنۇش چىقىپ قالامدۇق تېخى .ئاللا ئىشلىرىڭزغا ئاسانلىقنى بەرگەي!
    سىزنىڭ كانادادىكى كۈنلىرىڭىزنىڭ مەنىلىك ئۈتىشگە تىلەكداشىمەن!ئىشلىرىڭزىغا مۇۋاپىقيەتلەر تىلەيمەن!
  • ئەنجۈر (ئەپەندىم) ئالدى بىلەن سىزنىڭ كانادادىكى ئوقۇشىڭىزنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن، سىزگە ئوخشاش چەتئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى ئوقۇپ زېرىكمەيمەن. ئاللاھ مەدەت قىلسۇن!

    ئابىدە خانقىز، سىزمۇ بلوگدىن بىرەرنى قۇرۇپ، چەتئەل تۇرمۇشى ھەققىدە بىر نەرسىلەرنى يوللاپ باققان بولسىڭىز بولاتتى، بىزمۇ بەھىرلەنسەك. سىزغۇ خېلى ئېچىكىشىپ كەتكەندەك قىلىسىز...
    خالىسىڭىزلا "بوغلان بلوگى" غا ئىنكاس يېزىۋېتىڭ، مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بلوگدىن بىرنى تەييارلاپ بېرەي...
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ئەنجۈر ئەسرىڭزنى ئوقۇپ چىقتىم شۇنداق ياخشى يىزپسز،،، ھەي سز نىمانداق ياخشى ئايرۇپىلانغا چىقىپ ئوخلىسڭىز مەن ئايرۇپىلاندد ئولتۇرساملا ئاغىرىپ قالىمەن.....
    ئەسرىڭىزنى ئوقۇپ ئۈزەمنىڭ يىڭى كەلگەن ۋاقىتلىرىم ئېسمگە كىلىپ قالدى. ...
    مەن يىڭى كەلگەن ۋاقتىمدا ئۈيىمىزدىن بىرەر ئايغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئۈزولمىگەن ...مەن شۇ چاغلاردا ئۈزۈمىنى يەنىلا ۋەتەندىكدەكلا ھىس قىلاتتىم لىكىن كىيىن مەكتەپكە بارغاندىن كيىنلا ئۈزەمنىڭ غۇلجىدا ئەمەس بەلكى ئاۋستىرالىيەدە ئىڭەنلىكىمگە ئىشەنگەن .....غۇلجىنى شۇنداق سىغىندىم دىسە....^_^
    سىزنىڭ كانادادىكى كۈنلىرىڭىزنىڭ مەنىلىك ئۈتىشگە تىلەكداشىمەن.....
    ھەممە ئىشلىرىڭزىغا مۇۋاپىقيەتلەر تىلەيمەن...

    ئابىدە
    Anjur007回复ئابىدە说:
    ئابىدە قىز،ئەھۋالىڭىز؟ئوقۇشلار ئالدىراشمۇ....شۇنداق ئەممىمىز شۇ ۋەتەننى سغىنىدىكەنمىز ؟كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ..ئاللا سىزگە خوشاللىق ئاتا قىلغاي.....بلوگىمىزغا كەپ تۇرۇڭ..
    2008-11-10 22:45:52